رويتېرستا خەۋەر قىلىنىشىچە، بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلەر سانى 4 كە يەتكەن ھەمدە بۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان ئاسىيا ئەللىرىدە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان سۈت پاراشوكى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىنى توختىتىش دولقۇنى ئەۋجىگە چىققان.
خەۋەردە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىش كرىزىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ خىتاي سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى چاڭجياڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى سۈت پاراشوكىغا قوشۇلغان خىمىيىلىك ماددا مېلامىن بىلەن زەھەرلەنگەن سانى ئىلگىرىكى 6244 نەپەردىن 53 مىڭ نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 104 نەپەر بوۋاقنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مېلامىن ئەسلى پلاستىك ماتېرىياللارنى ئىشلەپ چىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك ماددا بولۇپ، ناۋادا ئۇنى ئادەم ئىستېمال قىلسا بۆرەككە تاش پەيدا قىلىدىكەن ھەمدە بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ئۇششاق زەررىچىلەر بۆرەكتىكى قىلدان تومۇرلارنى ئېتىۋېلىپ ئادەم ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىكەن.
بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سىنگاپور، خوڭكوڭ، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار خىتايدىن سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان.