بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلەنگەن زەھەرلىك سۈت پاراشوكىدىن مەيدانغا كەلگەن ئاقىۋەتلەر سەۋەبلىك، خىتاينى ئەيىبلىگەن ئىدى. ھازىرغا قەدەر 20 گە يېقىن دۆلەت ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ سۈتلۈك يېمەكلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى ۋە سېتىشنى توختاتتى.
تەيۋەن سەھىيە ئىشلىرى مەسئۇلى، خىتايدىن زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ئىمپورت قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. بۇنىڭدىن سىرت تەيۋەن دائىرىلىرى مۈتەخەسىسىسلەر ھەيئىتى تەشكىللەپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى سۈت پاراشوكى زاۋۇتلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان، بىراق بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەتمەيدىغانلىقنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك بارلىق چارە - تەدبىرلەرنى ئىشلىتىپ، بۇ ھادىسىنىڭ ئەكس تەسىرىنى كونترول قىلىشقا تىرىشماقتا. خىتاي دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە خىتايدا مەھسۇلاتلارنى سۈپەت ۋە ئۆلچەم جەھەتتە مەخسۇس تەكشۈرىدىغان 400 مەركەز تەسىس قىلىدىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە 80 مەركەز يېمەك ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.
بۇ ئارىدا فرانسىيە ئاگېنتلىقى، بىخەتەر بولمىغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سودا بازىرىدا ئارقا - ئارقىدىن ئاشكارىلىنىشى، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بازىرىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.