شىجياجۇاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئىلگىرى بالىلار سۈت پاراشۇكىدىكى مېلامىن ۋەقەسىدە جاۋابكارلىقى بار، دەپ قارالغان كىشىلەردىن جاڭ يۈيجۇن، گاۋ جۇنجيې ۋە گېڭ جىنپىڭلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. لېكىن ئۇلار ھۆكۈمگە قايىل بولماي ئۆلكىلىك يۇقىرى سوتقا ئەرزى قىلغان ئىدى.
بالىلار سۈت پاراشۇكىغا مېلامىن قوشۇپ سېتىش ۋەقەسىدە خىتاي بويىچە 300 مىڭ بالا بۆرەك كېسىلى بىلەن ئاغرىغان بولۇپ، دائىرىلەر 6 نەپەر بالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەر، ئالى سوتنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلاش ئېھتىمالى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خېبېي ئۆلكىلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى يەنە "ئۈچ بۇغا" شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى تيەن ۋېنخۇانىڭ ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە، دەپ ھۆكۈم چىقارغان.
شىجياجۇاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تيەن ۋېنخۇاغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن. لېكىن ئوتتۇرا سوتنىڭ ھۆكۈمى مېلامىن ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچۇرىغان ئىدى. ئۇلار شىجياجۇاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سودنى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، مېلامىن ۋەقەسىنى يوشۇرغان شەھەرلىك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە تۆلەم تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بەزى ئائىلىلەر تۆلەم پۇلىنى ئاز كۆرۈپ، ئېلىشنى رەت قىلغان ئىدى.