سۈت پاراشوكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر بوۋاقنىڭ ئائىلىسى سەنلۇ شىركىتىدىن 150 مىڭ يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلدى

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، زەھەرلىك سۈت پاراشوكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر ئائىلە سەنلۇ شىركىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان ۋە 150 مىڭ يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلغان.

ئەرز سۇنغۇچى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېنپىڭ ناھىيىسىدىكى بىر ئائىلىلىك بولۇپ، ئۇلار بۇلتۇر 7 ‏ - ئايدا تۇغۇلغان پەرزەنتىگە بىر يىلغا يېقىن سەنلۇ سۈت پاراشوكى بەرگەن. بوۋاق، يېقىندا دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندا، بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغانلىقى بايقالغان ۋە بالنىستقا ئېلىنغان. مەزكۇر ئائىلىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى بېيجىڭدىكى دېخېڭ قانۇن شىركىتى ئۈستىگە ئالغان.

ئادۋوكات جى چېڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئەرز، خېنەن ئۆلكىسى جېنپىڭ ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان، بالىنىڭ داۋالىنىش چىقىمى 150 مىڭ يۈەن ھېسابلىنىپ، سەنلۇ شىركىتىنىڭ چىقىمنى تۆلەپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە ھازىرغا قەدەر خىتايدا بۇ خىل ئەرزلەر ئاقماي كەلگەن؛ ئەمما بۇ قېتىمقى سۈت پاراشوكى مەسىلىسى دۇنياۋى تەسىر پەيدا قىلغىنى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ئەرزنىڭ توغرا بىر تەرەپ قىلىنىش ئېھتىماللىقى پەرەز قىلىنماقتا. ئەمما زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى بايقالغان 53000 بوۋاقنىڭ ۋە تېخى بايقالمىغانلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىش نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.