دېھقانلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان

يۈننەندىكى دېھقانلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە خەت يېزىپ، 46 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

شەنبە كۈنى خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى جاۋجياگو يېزىسىدا كۆرۈلگەن تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە جەمئىي 14 ئائىلىلىك پاتقان ئاستىدا قېلىپ، 46 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

چارشەنبە كۈنى جاۋجياگو يېزىسىدىكى 72 دېھقان خىتاي يەر ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلارغا خەت يېزىپ، ۋەقەنى كان پارتلىتىشتىن كېلىپ چىققان «سۈنئىي ئاپەت دەپ» قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدا تەبىئىي بايلىقلارنىڭ قالايمىقان ئېچىلىشى تاغ باغرىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ۋەيران قىلغان بولغاچقا بۇ، تاغ گەۋدىسىنىڭ بوشاپ غۇلاپ چۈشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

خىتايدا ئۆتكەن يىلى كۈزدىلا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، دەسلەپكىسىدە 81 ئادەم ئۆلگەن بولسا، كېيىنكىسىدە 18 ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.