ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن چوڭ قۇرۇقلۇقتا دېموكراتىك ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ تەيۋەندە تۇرۇشى قانۇنسىز ئىدى. بۇ قېتىم تۈزىتىلگەن قانۇن ماددىلىرى ئۇلارنى جىنايى جاۋابكارلىقتىن خالى قىلدى. بۇ قانۇن 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن يولغا قويۇلۇشقا باشلايدۇ.
تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كومىتېتى باشلىقى لەي شىنيۇەننىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تەيۋەنگە ساياھەت نامى كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەش ئاسانلاشتى.
چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تەيۋەنگە كەلگەندىن كېيىن سىياسىي پاناھلىق تىلەيدىغان ياكى ئۆزى ئەركىن ساياھەت قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەر بۇنىڭدىن كېيىن غەم قىلماسلىقى كېرەك. ھازىر تەيۋەندە بۇنداق ئىشنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەخسۇس ئورگان بار.