تاجىكىستاننىڭ «ئاسىيا - پلۇس» ئاگېنتلىقى تاجىكىستان ھۆكۈمەت مەنبەلىرىدىن بۇ ئۇچۇرنى ئېنىقلىغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان گاز مەسىلىسىدە پۈتۈشەلمىگەن ھەمدە ئۆزبېكىستان تەرەپ نېمە سەۋەبتىن تاجىكىستاننى گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىشىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن.
ئۆزبېكىستان 2012 - يىلى تاجىكىستانغا ھەر مىڭ كۇبمېتىرى 300 دوللاردىن 145 مىليون كۇبمېتىر تەبىئىي گاز بېرىشكە ماقۇل بولغان. بۇ قاراردىن كېيىن تاجىكىستان باش مىنىستىرى ئۆزبېكىستانغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ۋەزىيەتنى ئوڭشاشنى تەلەپ قىلغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆزبېكىستان خىتاي بىلەن 10 مىليارد دوللارلىق تەبىئىي گاز كېلىشىمى تۈزگەندىن كېيىن تاجىكىستاننى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى پۈتۈنلەي توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. نەتىجىدە تاجىكىستان ئېغىر ئەھۋالدا قېلىپ، 130 كارخانا يېقىلغۇ مەسىلىسىنى كۆمۈر ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئالماشتۇرغان.
بۇ يىل 9 - ئايدا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن تاجىكىستاننى زىيارەت قىلىپ، بۇ دۆلەتتىكى ھەربىي بازىسىنى 30 يىل ئۇزارتىش ھەمدە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇشقا پۈتۈشكەن ئىدى. تاجىكىستان رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، ئامۇ دەرياسىدا سۇ توغانلىرىنى سېلىش ئارقىلىق ئۆزبېكىستانغا سۇ قىيىنچلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. تاشكەنت بۇنىڭدىن ناھايىتى بىئارام بولماقتا.