تاجىكىستان پرېزىدېنتى موسكۋادىكى يىغىنغا بېرىشتىن تۇيۇقسىز يالتايدى

تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمان 1 - فېۋرال كۈنى تۇيۇقسىزلا 4 - فېۋرال كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى بىلەن كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەسلىدە ئىمام ئەلى راخمان يەكشەنبە كۈنى كېچە موسكۋاغا قاراپ ئۇچۇشى ھەمدە دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى دېمىترىي مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى ئىدى.

پرېزىدېنت ئىمام ئەلى راخماننىڭ تۇيۇقسىز تۈردە رۇسىيىگە قاراتقان زىيارىتىنى بىكار قىلىشى ھەر خىل پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى 31 - يانۋار كۈنى بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلغان تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى دۆلەت نازىرى بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، " ئىمام ئەلى راخمان ئېنېرگىيە كرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇرەككەپ ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن تاجىكىستاندىن ئايرىلمايدۇ. ئۇنىڭ فېۋرال ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدىكى بارلىق زىيارەت پىلانلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى" دەپ چۈشەنچە بەرگەن.

رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىراق، ئىمام ئەلى راخمان رۇسىيە زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بىلەن، ئەسلىدە موسكۋادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، بالتىق جۇمھۇرىيەتلىرىگە سەپەر قىلماقچى ئىدى. 10 - 11 - فېۋرال كۈنلىرى بولسا، بېريۇسېلغا بېرىپ، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشى كېرەك.

بىراق، 1992 - يىلىدىن بۇيان رۇسىيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كېلىۋاتقان، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىقى ۋە ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقى قاتارلىق بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ يىغىنىغا بىر قېتىممۇ قالدۇرماي قاتنىشىۋاتقان ئىمام ئەلى راخماننىڭ بۇ ھەرىكىتى تاجىكىستان بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىگە تاقىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ قېتىم موسكۋاغا نازاربايېۋ، باقىيېۋ، كەرىموف قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى كېلىدۇ.