تاجىكىستان قوشۇنلىرى نامەلۇم قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

19 - سېنتەبىر كۈنى تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئافغانىستان چېگرىسىغا يېقىن راشىت رايونىدا تاجىكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ھەربىي خادىملارنى ئېلىپ ماڭغان بىر ئاپتوموبىل ئەترىتى نامەلۇم قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، كۆپ ساندا تاجىكىستان ھەربىي خادىملىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

فەرغانە ئاگېنتلىقى تاجىكىستان مەنبەلىرى ئاساسىدا بۇ ھۇجۇمدا ئۆلگەن ھەربىي خادىملارنىڭ سانىنىڭ ئوندىن ئاز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى كەم دېگەندە 20 نەپەر تاجىك ھەربىي خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن ئۇچۇر بەرگەن.

ھازىرغىچە مەزكۇر تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغۇچى گۇرۇپپىنىڭ كىملىكى ئاشكارىلانمىغان. تېخى ئالدىنقى ھەپتىدە تاجىكىستان - ئافغانىستان چېگرىسىدىكى بىر تاجىكىستان چېگرا پونكىتى نامەلۇم گۇرۇپپىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدى.

فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىلدىكى ھۇجۇملار تاجىكىستان - ئافغانىستان چېگرىلىرىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن.

ئىلگىرى تاجىكىستان - ئافغانىستان چېگرىسىنى رۇسىيە ئارمىيىسى قوغدىغان بولۇپ، تېخى يېقىنقى يىللارغىچە رۇسىيە تاجىكىستاندا ئۆز ئارمىيىسىنى تۇرغۇزغان ئىدى. ھازىر بۇ ۋەزىپە تاجىكلارنىڭ ئۆزلىرىگە قالغان.