تاجىكىستان بەش كىشىنى قانۇنسىز ئىسلامچى دەپ قولغا ئالدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تاجىكىستان بۈگۈن بەش كىشىنى يېڭى يىلدا دىنىي تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللانغان قانۇنسىز ئىسلامچى دەپ قولغا ئالدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.01.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بۇنىڭدىن بۇرۇن 10-ئايدىمۇ، ئۇرۇنباي ئوسمانوف ئىسىملىك بىر كىشىگە دىنىي تەشۋىقاتچى دېگەن جىنايى نام بىلەن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇسۇلمانلار يەتتە يېرىم مىليون نوپۇسنىڭ 98% نى تەشكىل قىلىدىغان بۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيىتىدە يىللاردىن بۇيان دىنغا قارشى سىياسەت قوللىنىلىۋاتىدۇ. دائىرىلەر 2010-يىلىدىمۇ 150 كىشىگە (بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللارمۇ بار) قانۇنسىز ئىسلامچى دېگەن جىنايەت بىلەن قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.