بۇنىڭدىن بۇرۇن 10-ئايدىمۇ، ئۇرۇنباي ئوسمانوف ئىسىملىك بىر كىشىگە دىنىي تەشۋىقاتچى دېگەن جىنايى نام بىلەن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى ئېلان قىلغان ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇسۇلمانلار يەتتە يېرىم مىليون نوپۇسنىڭ 98% نى تەشكىل قىلىدىغان بۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيىتىدە يىللاردىن بۇيان دىنغا قارشى سىياسەت قوللىنىلىۋاتىدۇ. دائىرىلەر 2010-يىلىدىمۇ 150 كىشىگە (بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللارمۇ بار) قانۇنسىز ئىسلامچى دېگەن جىنايەت بىلەن قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان ئىدى.