تاجىكىستاندا دۆلەت تىلىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلماقتا

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورىدا ئېلان قىلىنغان "تاجىكىستاندا تىل تازىلاش ھەرىكىتى باشلاندى" ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەردە يېزىلىشىچە، تاجىكىستان ھۆكۈمىتى تاجىك تىلىنى رەسمىي دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن، قانۇن ماقۇللاپ، تاجىك تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ ھەر ساھەدە ئىشلىتىلىشىنى قوغداشقا باشلىغان. بەلگىلىمە بويىچە ھازىر پۈتۈن دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەتلا تاجىك تىلى ئىشلىتىشكە كۆچكەن بولۇپ، ھەتتا چەتئەل شىركەتلىرىنىڭمۇ ئۆز شىركەتلىرىنىڭ ئىسىملىرى، ۋىۋىسكىلىرىنى تاجىك تىلىدا يېزىشى بەلگىلەنگەن. دۆلەت تىلى قانۇنى بۇزغان ئادەملەر جازاغا تارتىلغان بولۇپ، مۇنداق جىنايى دېلودىن ئون نەچچىسى تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللانغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.07.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ھۆكۈمەت تاجىك تىلىنى ئىشلىتىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تىل قائىدىسى ۋە ئىملا قائىدىسىگە بويسۇنۇشنىمۇ تەشەببۇس قىلغان. تاجىكىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5 - ئوكتەبىرنى دۆلەت تىلى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. ھەر يىلى بۇ كۇن خاتىرىلىنىدىكەن.

تاجىكىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت تىلىنى بارلىق پۇقرالارنىڭ جۈملىدىن بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان رۇسلارنىڭمۇ قەتئىي ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلماقتا.

ئالدىنقى يىلى تاجىكىستان ھەتتا كىشى فامىلىلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى رۇسچە "يېف، ئوف" قوشۇمچىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىپ، پرېزىدېنت ئېمام ئالى راخمانوف ئۆزىنى ئېمام ئەلى راخمان دەپ ئاتاشنى جاكارلىغان ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.