تاجىكىستان ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن چىقاردى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن دۈشەنبىدىن بايان قىلىشىچە، تاجىكىستاننىڭ دىنسىز رەھبەرلىرى بۈگۈن (چارشەنبە كۈنى)، تاجىكىستاندا ئىسلام دىنى ئەۋج ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسچىتكە كېرىپ ناماز ئۆتۈشىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
پرېزىدېنت ئېمامئەلى راخمان ئىمزا قويغان بۇ قانۇندا، تاجىكىستاننىڭ ئىسلاملاشتۇرۇلىشىغا قارشى تۇرۇش كېرەك، تاجىكىستاندا ئۆسمۈرلەر 18 ياشقىچە دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن تاجىكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋە ئىسلامىي پارتىيىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.