تاجىكىستاندا روجىستىۋا بوۋاي شەكلىدە كىيىنگەن بىر ئادەم ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان

تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى يىل كېچىسى دۈشەنبە شەھىرىدە روجىستىۋا بوۋاي شەكلىدە كىيىنگەن بىر ئادەم ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، روجىستىۋا بوۋاي سىياقىدا كىيىنگەن بۇ كىشى يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا يولدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

ھۇجۇم قىلغۇچىلار جەمئىي 3 كىشى بولۇپ، ئۇلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قورسىقىغا پىچاق تىقىپ قېچىپ كەتكەن. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆلگۈچى قورسىقىنىڭ بىر نەچچە يېرىگە پىچاق تىقىلغانلىقىنى، قان جىق چىقىپ كەتكەچكە قۇتقۇزۇشقا ئامال بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يەنە ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، بۇ ھۇجۇمنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنى مەنبە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.