تاجىكىستان خىتايغا تېرىلغۇ يەر ئىجارە بەردى

تاجىكىستان 2000 گېكتار يېرىنى خىتايغا ئىجارىگە بېرىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغان.

خىتاينىڭ "يەر شارى ۋاقتى گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر كېلىشىم 18-يانۋار كۈنى ئىمزالانغان بولۇپ، كېلىشىمگە ئاساسەن تاجىكىستان 2000 گېكتار يېرىنى خىتايغا شال تېرىشقا ئىجارىگە بېرىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرىنىڭ بىر نەپەر ئەمەلدارى كېلىشىمنىڭ تاجىكىستاننىڭ جەنۇبىي بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارىسىدا تۈزۈلگەنلىكىنى، تاجىكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ خىتاي دېھقانلىرىنىڭ يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق شال تېرىشى ئۈچۈن ئىجارىگە بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان.

تاجىكىستان تېخى يېقىندىلا خىتاي بىلەن يېڭى چېگرا كېلىشىمى تۈزۈپ، خىتاي ئۆزىگە تەۋە دەپ كېلىۋاتقان مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا تاجىكىستاندىكى ئۆكتىچىلەر بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە بۇنى تاجىكىستان دىپلوماتىيىسىنىڭ بىر مەغلۇبىيىتى دەپ ئاتىغان ئىدى.

خىتايغا يەر ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسى ئىلگىرى قازاقىستاندىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما، قازاقىستاندىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋە قازاقىستان خەلقىنىڭ خىتايغا تېرىلغۇ يەر ئىجارىگە بېرىش تەلىپىگە قاتتىق قارشى چىقىشى نەتىجىسىدە قازاق ھۆكۈمىتى خىتايغا يەر ئىجارە بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.