ئۇ تاجىكىستان تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى ھەمراخان زافىرى بىلەن كۆرۈشكەندە: مەن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇشقا قوشۇلمايمەن ۋە كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى توغرا چۈشىنىمەن، دېدى.
ئۇ يەنە، دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەشنىڭ يەر ئاستى دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۇ ھىلارىي كلىنتون خانىمنىڭ تاجىكىستانغا قاراتقان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ، ئۇ تاجىكىستاندىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستانغا بارىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، كلىنتون خانىم ئۆزبېكىستاندىمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.