مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت ياسىلىدىغان قوش رېلىس قۇرۇلۇشى تاماملانسا، ئەسلىدىكى قوش رېلىس مەخسۇس يۈك توشۇيدىغان رېلىسقا ئايلاندۇرۇلۇپ، يېڭى قوش رېلىس مەخسۇس يولۇچى توشۇيدىغان رېلىسقا ئايلاندۇرۇلىدىكەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، قۇمۇل ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل جىن دىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان تۆمۈريول يۇقىرى سۈرئەتلىك بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى سائىتىگە 250 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. شۇنداق بولغاندا لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە كېلىش مۇساپىسى 10 سائەت قىسقىرايدىكەن.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر يېڭى تۆمۈريول لىنىيىسىنىڭ چىڭخەي - گەنسۇ بۆلىكىدە بۇ يىل مارتتىلا ئىش باشلىنىپ بولغان ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلى ئىنتايىن مول يەر ئۈستى ۋە يار ئاستى بايلىقلىرىغا ئىگە. خىتاي مەزكۇر رايوننىڭ بايلىقلىرىنى يۆتكەش قەدىمىنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن تېزلىتىشكە باشلىماقتا.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن 30 مىليون توننا كۆمۈر خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە توشۇلىدىكەن. بۇ 2012 يىلىغا كەلگەندە 50 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلىدىكەن.