0:00 / 0:00
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى تالىبانلارنىڭ كابۇلدىكى چەتئەل ئەلچىخانىلىرى جايلاشقان ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئورۇنغا ھۇجۇم قىلغان. ھەتتا پارلامېنت بىناسى ئەتراپىدىمۇ ئوق ئاۋازى ئاڭلانغان. كابۇلدىكى ئەلچىخانىلار ئىچىدە رۇسىيە ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا يېقىن جايدا ھۇجۇم ۋەقەسى يۈزبەرگەن. رېيتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى تالىبانلارنىڭ بۇ ھۇجۇملىرىنىڭ باھاردا باشلىغان ھۇجۇملارنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ 2001 - يىلى، تالىبانلار ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى بىر قېتىملىق تەشكىللىك ۋە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم ھېسابلىنىدىكەن.