س ن ن خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئافغانىستان پارلامېنت ئەزاسى فەۋزىيا كۇفى، ھۇجۇمنىڭ ئافغان پرېزىدېنتى كارزاي يېڭىدىن تەيىنلىگەن 14 نەپەر ئىچكى كابىنېت ئەزاسى قەسەم بېرىۋاتقان پەيتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، تالىبان باياناتچىسى زەبىئۇللا مۇجاھىد، 20 نەپەر تالىبان قوراللىق ئەسكىرىنىڭ ئافغانىستان پرېزىدېنت سارىيى، ئىقتىساد مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا باستۇرۇپ كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ھالبۇكى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى، كابۇلغا جايلاشقان فېروشگاھى ئافغان سودا مەركىزىدە كىچىك تىپتىكى پارتلاش ۋە ئازراق ئېتىشىش يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە پرېزىدېنت سارىيىغا يېقىن جايدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت بىنالىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تالىبان قىسىملىرى بۇ نۆۋەتلىك ھۇجۇمدا 31 نەپەر ھۆكۈمەت خادىمىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 31 پۇقرانى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر تېخى دەلىللەنمىگەن.
بۇ تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ 2001 - يىلى ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم كابۇلغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.