تالىبانلار بىلەن مۇرەسسە قىلىشنىڭ ئىستىقبالىنى تۇمان قاپلىدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئافغانىستان تىنچلىق كېڭىشىنىڭ رەئىسى، ئافغانىستاننىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى، يىللاردىن بۇيان ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلارنى مۇرەسسەگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بۇھانىددىن رەببانى، 20‏-سېنتەبىر كۈنى -دەل دۇنيا تىنچلىقى خاتىرە كۈنى، كابۇلدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى مۇجاھىددىن، رەببانى تالىبانلار پىلانلىغان بۇ پارتلىتىش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلدى، پارتلاتقۇچ رەببانىغا يېقىنلاشقان بىر مۇجاھىدنىڭ سەللىسىگە يوشۇرۇپ قويۇلغان ئىدى دەپ جاكارلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رەببانى 1940‏-يىلى ئافغانىستاننىڭ بەدەقشان ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، 59‏-يىلى كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دىنىي ئىلىم پروفېسسورى بولغان. 1979‏-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشغالىيىتىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان.

1992‏-يىلى ئافغانىستاننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بولغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانلار بىلەن مۇرەسسە قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنىڭ ئىستىقبالىنى تۇمان قاپلىدى.