خەۋەرلەردە شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغان بولۇپ، ۋەقەدە 140 كىشىنىڭ زەھەرلەنگەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئىچىدە 11 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بايان قىلغان. بەزى تور بەتلىرى ۋە ئەھۋال ئىنكاس قىلغۇچىلار ئۆلگەنلەرنىڭ 11 دىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ۋەقەنىڭ سەۋەبى نامۇۋاپىق ئورۇندا ساقلانغان ئاچچىقسۇنى ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىققان دەپ كۆرسىتىلگەن. يەنى بايان قىلىنىشىچە، زەھەرلىنىشكە سەۋەب بولغان ئاچچىق سۇ، ئەسلىدە ئاپتوموبىللاردا ئىشلىتىلىدىغان توڭلىتىشقا قارشى سۇيۇقلۇق قاچىلانغان بىر باكتا ساقلانغان.
ئەمما خەۋەردە ئاچچىقسۇنى نامۇۋاپىق باكتا ساقلىغان شىركەت ياكى شەخسنىڭ كىملىكى بىلدۈرۈلمىگەن. گۇما ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ياردەم بېرىشنى 19 ئۆلكىگە تەقسىملەش پىلانى بويىچە، مەزكۇر ناھىيە ئەنخۇي ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بېرىلگەن.
نۆۋەتتە مەزكۇر ناھىيىدىكى كۆپلىگەن چوڭ-كىچىك سودا -سانائەت مۇلازىمەتلىرى ئەنخۇيلۇقلارنىڭ كونتروللۇقىدا داۋام قىلماقتا. مەزكۇر ئاچچىقسۇنىڭ ئەنخۇيلۇقلار ئىشلەپچىقارغان، ساقلىغان مەھسۇلاتلىقى ياكى ئەمەسلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش جەريانىنى ئىنچىكە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە مۇناسىۋەتلىك يوللار ئارقىلىق، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئۆز ئالدىغا ئېنىقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
