خىتاي تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىنىڭ 23 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 25-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدىن خەۋەر بېرىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا سۇ ئۈزۈلۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆپەيگەنلىكىنى، شۇڭا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا بۇ يىل ئەتىياز ھەم ياز پەسلىدە، 23 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سۇنىڭ راۋان ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ خەۋىرىدە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان جايلارنىڭ دەريا سۈيىنى پىلانسىز ئىشلىتىشى ھەم تارىم دەريا سۈيىنى باشقا جايلارغا باشلىشى سەۋەبلىك، دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنلىرىغا سۇ يەتكۈزۈلمەي، دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى توغراقلىقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىش ھادىسىسى ئېغىرلاشقانلىقى، شۇڭا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ 2001-يىلدىن بۇيان بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىغانلىقى » بايان قىلىنغان.

ھالبۇكى ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇستەقىل كىنەزلىكى دەپ ئاتالغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى پولكلىرى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ يىللاردا دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالىدا ئالدى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈشى كېرەك ئىكەن.