تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش توختايدۇ

خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، تارىم دەريا باشقۇرۇش ئىدارىسى تارىم دەرياسىدا كۆرۈنگەن سۇ مىقدارى تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن، ئىشلەپچىقىرىشنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىكەن.

شىنخۇانىڭ ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل تارىم دەرياسىدا سۇ مىقدارى يىللاردىكىگە نىسبەتەن بىر قەدەر تۆۋەنلىگەن بولۇپ، نەتىجىدە 2007 - يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنلىرىدا ئۇدا يەتتە ئاي سۇ ئۈزۈلۈپ قالغان.

خەۋەردە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنلىرىغا سۇ يېتىشمەسلىك ھادىسىسى ئاساسەن، تارىم دەريا ۋادىسى ۋە دەريانى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان تارماق دەريا ۋادىلىرىدا كۆپلەپ يەر ئېچىش ۋە پىلانسىز سۇ ئىشلىتىشتىن پەيدا بولغان دەپ كۆرسىتىلگەن.

تارىم دەرياسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى جۈملىدىن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالارنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1321 كىلومېتىر. ئاشكارىلىنىشىچە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى 320 كىلومېتىر بۆلىكىگە 30 يىلدىن بېرى سۇ بېرىپ باقمىغان بولۇپ، نەتىجىدە دەريا ۋادىسىدىكى تەبىئىي يېشىل كارىدور ۋە نەچچە ئون مىڭ گېكتار توغراقلىق بارا - بارا قۇرۇپ ۋەيران بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تارىم دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى ئېكولوگىيىنىڭ بۇزۇلۇشى چاڭ توزان يېغىش ۋە تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا باشلىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى 2001 - يىلىدىن بۇيان، دەريا ئېكولوگىيىسىنى قۇتقۇزۇشقا مەبلەغ ئاجرىتىپ، دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە ھازىرغىچە 9 قېتىم سۇ بەرگەن ئىكەن.