خىتاي ھازىر تارىم، تۇرپان ئويمانلىقلىرىدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ

ئۈرۈمچىدە خىتايچە چىقىدىغان «پايتەخت» گېزىتى بۇلتۇر ئېلان قىلغان «خىتايدىكى 10 چوڭ مەدىنى يادىكارلىقنىڭ ئىچىدە تارىم، تۇرپان ئويمانلىقلىرىدىكى بۇددىزم يادىكارلىقلىرى بار» خەۋەرنى، بۈگۈن خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» قايتىدىن ئېلان قىلدى.

ئۇنىڭدا كۇچادىكى دوستلۇق يەر ئاستى سودا بازىرىنى بىنا قىلىنغاندا، مىلادى 35-ئەسىرلەرنىڭ خىش كېمىر قەبرىلىرى تېپىلغانلىقى، تۇرپاندىكى تۇيۇق خوجام مازىرىدىن بۇددىزم ئىبادەتخانىلىرى بايقالغانلىقى، چىرا ناھىيىسىنىڭ دامكۇ رايونىدىن بۇددىزم ئىمارەتلىرى بايقالغانلىقى قايتىدىن ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلدى.

تارىم، تۇرپان ئويمانلىقلىرىدا، قەدىمكى زامان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ كۆپ خىل دىن، كۆپ خىل مىللەت ۋە ئوخشىمىغان ھەرخىل تىل-يېزىققا بولغانلىقى بىر ئەمەلىيەت، تارىختا ھەم بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ تەدرىجىي ھالدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىمۇ بىر ئەمەلىيەت.

ئەمما خىتايلار بۇ تارىخىي مەدەنىيەتلەرنى چۈشەندۈرگەندە، ئۇنى غەرەزلىك ھالدا بۇرمىلاپ، خۇددى بۈگۈن خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تور بېتى» ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلغاندەك، تۇرپاندىكى تۇيۇق خوجامدىن بۇددىزم ئىبادەتخانىلىرى بايقالغانلىقىنى، چىرا ناھىيىسىنىڭ دامكۇ رايونىدىن بۇددىزم ئىمارەتلىرى بايقالغانلىقىنى تارىم، تۇرپان ئويمانلىقىدىكى بىردىنبىر ئاساسلىق مەدەنىيەت دەپ كۆرسەتكەن.

كۇچادا تېپىلغان مىلادى 3‏5‏ ئەسىرلەردىكى خىش كېمىر قەبرىلەرنىمۇ بۇنىڭغا چېتىۋالغان.