ئىراقنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارىق ئەزىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

ئىراق ئالىي سوتى تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ سادام ھۈسەيىن دەۋرىدىكى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارىق ئەزىزنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. تارىق ئەزىز بۇ يىل 74 ياش بولۇپ، ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دەۋرلەردە سادام ھۈسەيىننىڭ ئىجرائاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولغان.

ئىراق سوتى تارىق ئەزىز ئۈستىدىن 2009 ‏- يىلى مارت ئېيىدا بىر قېتىم ھۆكۈم ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ چاغدا، 42 نەپەر تىجارەتچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە چېتىلىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئارىدىن 5 ئاي ئۆتكەندە، ئىراقتىكى كۈرتلارنىڭ يۇرتىدىن ھەيدىلىشىدە رول ئوينىغان دەپ ئەيىبلىنىپ، ئۈستىلەپ 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

بۇ نۆۋەت بولسا، ئىراقتىكى شىئەلەرنىڭ باستۇرۇلىشىدا جاۋابكارلىقى بار دەپ قارىلىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. تارىق ئەزىزنىڭ ئادۋوكاتى تۈنۈگۈن مەزكۈر ھۆكۈمنى سىياسىي ھېسسىياتنىڭ تەسىرىدە چىقىرىلغان ھۆكۈم دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ھۆكۈمگە قارشى نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش - سۇنماسلىق ھەققىدە تېخى بىر قارارغا كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تارىق ئەزىزنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ياشاۋاتقان ئوغلى دادىسىنىڭ ھىچقانداق ئەسكىرىي ۋەزىپە ئۆتىمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ دادىسىغا بېرىلگەن جازانىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تارىق ئەزىز 2003 - يىلى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. ئۇ يېقىندا ئەنگلىيىنىڭ گۇاردىيان گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چېغىدا سادام ھۈسەيىن ئۈستىدىكى ئەيىبلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلغان ۋە "تارىخ سادامنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىنى ئاخىرى ئىسپاتلايدۇ" دېگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىنى، ئىراقنى بۆرىلەرنىڭ چاڭگىلىغا تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كېتىش دەپ ئەيىبلىگەن.