خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كەلگۈسى 5 يىلدا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ تاش يول قۇرۇلۇشىغا ئاز دېگەندە 150 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 7 شەھەرنى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان 17 يېڭى تاش قۇرۇلۇشىدا سەيشەنبە كۈندىن باشلاپ ئىش باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يېڭى تاش يول قۇرۇلۇشى ئالتاي، تۇرپان، ئۈرۈمچى، سانجى، ئىلى، قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مىنېرال ماددىلار، نېفىت ۋە كۆمۈر زاپىسىغا باي رايونلارنى قاپسايدۇ.
دائىرىلەر بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ تاش يول قۇرۇلۇشىغا 35 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 7569 كىلومېتىر تاش يول ياسىماقچى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يەنە 6 يېڭى تاش يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى كەلگۈسى 5 يىلدا ئېلىپ بارماقچى بولغان تاش يول قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت.
دائىرىلەر كەلگۈسى 5 يىلدا 150 مىليارد يۈەندىن 200 مىليارد يۈەنگىچە مەبلەغ سېلىپ، 76 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا يېڭى تاش يول ياسايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىلىغا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىپ، كەڭ كۆلەملىك ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئىدى.
لېكىن رايون ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ رايونغا سېلىۋاتقان مەبلىغى رايوننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى ئېچىشنى كۈچەيتىش، ئاھالە كۆچۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى نوپۇس جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ ھەل قىلىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش دائىرىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن بىر خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر تاش يول قۇرۇلۇشىدا بۇ يىل 338 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن كۆزەتكۈچىلەر، ھازىرغىچە ئېرىشكەن تەجرىبىلەردىن يۇقىرىقى خىزمەت پۇرسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېگىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىشقا يېتەرلىك سەۋەبى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە 2015-يىلى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئومۇمى تاش يول مۇساپىسى 175 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.