پۈتۈن دۇنيا تاتارلىرى قۇرۇلتىيى ھازىر قازاقىستان ۋە ئۇكرائىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارماقلىرىنى ئاچقان بولۇپ، قۇرۇلتاينىڭ مەقسىتىنىڭ مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكى، دىنى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىقلىرىنى قوغداش ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن.
13 نەپەر ئىجرائىيە كومىتېت ئەزاسى ۋە 28 نەپەر مەركىزىي كومىتېت ئەزاسىدىن تەركىپ تاپقان پۈتۈن دۇنيا تاتارلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئاتاقلىق تاتار زىيالىيسى رىنات زاكىروفتۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت غا كىرىش مەسىلىسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولۇپ، بىراق، پۈتۈن دۇنيا تاتارلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ھۆكۈمەتكە مۇنداق تەكلىپ بېرىش ھەتتا ھەرىكەت قوزغاش ئىمكانىيىتى بار ئىكەن.
تاتارىستان سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر جۇمھۇرىيىتى سۈپىتىدە ئالىي مۇختارىيەتتىن بەھرىمەن بولماقتا. بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ئالىي ھوقۇقلىرى بولمىغاندىن باشقا، ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گىمنى، پرېزىدېنت ئاپپاراتى، پارلامېنتى قاتارلىق دۆلەتچىلىك سىستېمىلىرى مەۋجۇت.