دىلشات رىشىت ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى سەيشەنبە 16-ئاۋغۇست كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىك تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، 11-ئاۋغۇستتىن 15-ئۆكتەبىرگىچە رايوندا تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە قاراتمىلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىغان «جۇڭگو، ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسى» مەزگىلىدە، رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا، 39 ئورۇندا تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلۇپ، 24 سائەتلىك چارلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل نىشانلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

دىلشات رىشىت يەنە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملاشسا، رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان تىنچ، ئىناق مۇھىت يارىتىش ئەمەس، ئەكسىچە رايون ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.