ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنىدىكى توقۇنۇش جەريانىدا تايلاند ئارمىيىسىنىڭ ئاتقان توپ ئوقلىرى كامبودژاغا مەنسۇپ 11- ئەسىرگە تەۋە بىر بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ يان تېمىنى ئۆرۈۋەتكەن. بۇ ئىبادەتخانا بدت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان قەدىمىي مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.
كامبودژا بىلەن تايلاند ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش ئۈستىدىكى چېگرا نۇقتىلىرىنى تالىشىشتىن كېلىپ چىققان بۇ جەڭلەردە بەش كىشى ئۆلگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تايلاند باش مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندنىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنى قوغداش چارىلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
تايلاندتىكى قىزىل مايكىلىقلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ، تايلاند ھۆكۈمىتى قاتتىق بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقاندا يۈز بەرگەن بۇ توقۇنۇشنىڭ ئۆكتىچىلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. توقۇنۇش ئۈچىنچى كۈنگە كىرگەن.