بىر قانچە كۈندىن بېرى نامايىشچىلار يېتەكچىسى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ب د ت نىڭ نازارىتىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ھۆكۈمەت تەرەپ بولسا، سۆھبەتكە ئولتۇرۇشنىڭ ئالدىدا نامايىشنىڭ توختىشى كېرەكلىكىنى ۋە سۆھبەتكە ھەر قانداق بىر تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلىكى تايلاند خەلقىنىڭ تىنچلىقنى خالايدىغانلىقىنى، شۇڭا تايلاند پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، توقۇنۇشتىكى ھەر ئىككى تەرەپنى ئۆز - ئارا چۈشىنىش ۋە يول قويۇشقا يېتەكلەشكە، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى.
خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلىكى 1888 - يىلى قۇرۇلغان بىر خەلقئارا تەشكىلات بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ تەشكىلاتنىڭ دۇنيادىكى 143 دۆلەتنىڭ پارلامېنتىدا ئەزالىرى مەۋجۇت. بۇ تەشكىلات يەنە ب د ت نىڭ نوپۇزلۇق نازارەت قىلغۇچى تەشكىلاتلىرىدىن بىرىدۇر.
