ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند باش مىنىستىرى ئۆزىنىڭ ئىككى ئەمەلدارى بىلەن بىرلىكتە تايلاند ئۆكتىچى رەھبەرلىرىدىن ئۇچ كىشى بىلەن سۆھبەتنى باشلىغان بولۇپ، سۆھبەتنىڭ بارلىق جەريانى تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق تارقىتىلىپ تۇرغان.
ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاساسلىق تەلىپى ھۆكۈمەتنىڭ 24 سائەت ئىچىدە دۆلەت مەجلىسىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىپ، يېڭىدىن سايلام ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت. ئەمما، بۇ تەلەپ باشتىن ئاخىرى ئورۇندالماي كەلگەن بولۇپ، ھەتتا باش مىنىستىر ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەر قانداق نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئالدىدا بويسۇنمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بۇ قېتىم سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان بولۇپ، بىراق ئىككى تەرەپ داۋاملىق سۆھبەتلىشىشكە پۈتۈشكەن. ئەمما، كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر سۆھبەتنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆكتىچىلەرنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقى دەپ قارىماقتا.
تايالاندتىكى ئۆكتىچىلىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ يېقىندا ئۆكتىچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ھۆكۈمەتنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلەپلىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلماي كەلگەن تايلاند باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىم ئاخىرى دادىللىق بىلەن ئۆكتىچى رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتكە كېلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان بولۇپ، گەرچە بۇ سۆھبەتتىن بىراقلا زور نەتىجىدە چىقمىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ بىر ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە.