خىتاينىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى ۋە چاقماق ھادىسىدە يەنە 8 ئادەم ئۆلگەن

خىتاينىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى ۋە چاقماق ھادىسىدە يەنە 8 ئادەم ئۆلگەن، نۇرغۇن ئۆيلەر ئۆرۈلگەن. شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئادەمنى چاقماق سوقۇپ ئۆلگەن، ئىككى ئادەم سەلدە ئېقىپ كەتكەن، قالغان 4 ئادەمنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

خىتاي خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى باياناتىغا قارىغاندا، يۇقىرىقى رايوندا يۈز بەرگەن ئاپەتلەردە دۈشەنبە كۈندىن، جۈمە كۈنىگىچە بولغان بەش كۈن ئىچىدە جەمئىي 25 ئادەم ئۆلگەن، 25 ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقالغان، 671 مىڭ 200 ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبىي خىتايدا بۇ ئايدىن باشلاپ كۆرۈلۈۋاتقان يامغۇر ئاپىتىدە مىڭلىغان ئادەم ئوي ماكانلىرىدىن ئايرىلغاندىن باشقا يەنە 170 ئادەم ئۆلگەن.

بۇ نۆۋەتلىك يامغۇر ئاپىتى خىتاينىڭ چېڭدۇ-كۈنمىڭ تۆمۈريول لىنىيىسىدە توسۇلۇش پەيدا قىلغان.

خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم ئۆلكىلەردە ئۆتكەن ئايدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ 34 مىليون ئادەمگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.