خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئېچىش سۈرئىتىنى ئاشۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتمەكچى.

يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى بېكىتىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گاز، كۆمۈر ۋە شۇنىڭدەك باشقا تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئېچىش پىلانلىرى خىتايدىكى بىر قانچە زور ئېنېرگىيە شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئاسىيا كىندىكى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئىلى رايونىنىڭ كۆمۈردىن گاز ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنى چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

بۇ تۈر بويىچە، ئىلى رايونىدىكى 5.5 مىليارد كۇب مېتىر كۆمۈر گازغا ئايلاندۇرۇلىدىكەن. ئەگەر قۇرۇلۇش پۈتكەن تەقدىردە ئۇنىڭ يىلىغا 12 مىليارد سوم قىممەت يارىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇنىڭدىن سىرت خىتاينىڭ داتاڭ، شېنخۇا، جۇڭمىي قاتارلىق زور ئېنېرگىيە شىركەتلىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى كۆمۈر كانلارنى ئېچىش ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ خىزمىتى» يىغىنىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئېچىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ، خىتايدىكى چوڭ كارخانىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرگەن ئىدى. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل تەبىئىي بايلىقنى پىلانسىز، قالايمىقان ئېچىش دولقۇنىنىڭ ئېكولوگىيىگە ۋە رايون خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا زور قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.