بۇ تۇرۇبا لىنىيىسى 2009-يىلى 7-ئايدا رەسمىي پۈتكەن ۋە شۇ يىلى 12-ئايدىن باشلاپ خىتايغا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشنى باشلىغان ئىدى.
تۇرۇبا لىنىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركمەنىستاندىن باشلىنىپ، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس چېگراسىغا تۇتىشىدۇ.
خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى تەبىئىي بايلىقلارغا قول سوزۇشى، بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە نارازىلىق كەيپىياتلىرىنى ئۇلغايتقان.
28-ماي قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە 300 دىن ئارتۇق قازاق ئۆكتىچى نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ قازاقىستانغا قاراتقان ئېنېرگىيە سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.