خىتاي مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى خىتاي ئىچىدە زور كۆلەملىك تەبىئىي گاز ئامبىرى ياساشقا باشلىغان

خىتاي مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى خىتاي ئىچىدە زور كۆلەملىك تەبىئىي گاز ئامبىرى ياساشقا باشلىغان. خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ئامباللار خىتاينىڭ تەبىئىي گاز ئىمپورت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە لايىھىلەنگەن.

خىتايدىن چىقىدىغان "ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى" دە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي 2020 - يىلىغا بارغاندا ئىنتايىن كۆپ مىقداردا تۆۋەن نىسبەتتە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازغا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن :" 2020 - يىلىدىن كېيىن ئۆزىمىز ئىشلەپچىقارغان تەبىئىي گازلار بازارغا سېلىنىپ، جۇڭگونىڭ بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قامدايدۇ".

دوكلاتتا خىتاينىڭ يەنە، كۆمۈر ۋە سلانېتس تېشى گازى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ گازغا بولغان ئېھتىياجنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى بۇ ئاينىڭ 20 - كۈنى خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر شىركەت، رايوندىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ھازىرقى 18 مىليون توننىدىن 30مىليون توننىغا، گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 23 مىليارد كۈپ مېتىردىن 29 مىليارد كۈپ مېتىرغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.