خىتاي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن شىددەتلىك تەكلىماكان بورىنىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەنلەرگە مۇتەخەسسىس ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، كورلا تەۋەسىدىكى قىسمەن جايلار تەكلىماكان بورىنىنىڭ 50 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. 28‏ - مارت كۈنى يۈز بەرگەن شىددەتلىك تەكلىماكان بورىنىدا، ئاقسۇدا 60 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان.

بۇ شىددەتلىك بوراندا ئېلىكتىر سىم تۈۋرۈكلىرى يېقىلغان، 29 ئۆي ئۆرۈلگەن، 3 ئادەم يارىلانغان، 1201جايدىكى پارنىك ۋە 432 مو يەردە ئۆستۈرۈلۈۋاتقان شال مايسىسى ۋەيران بولغان. زىيان مىقدارى 10 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىشىچە، قەشقەرنىڭ يېڭىشەر ناھىيىسى، خوتەننىڭ نىيە ناھىيىسى ۋە كورلىنىڭ قىسمەن رايونلىرىمۇ شىددەتلىك تەكلىماكان بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ قېتىم شىددەتلىك تەكلىماكان بورىنى ئاپىتىگە ئۇچرىغان بۇ جايلار دەرھال ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئاپەت يۈز بەرگەن بۇ جايلارغا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتكەن.