بۇ خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ھازىر سېرىق مەزمۇندىكى شەھۋانىي ئۇچۇرلار، توردىكى ئالدامچىلىق ھەم دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان بولغان سەزگۈر تېمىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۇقرالاردىن كىملىكى بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋېتىپتۇ ھەم مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىپ نازارەتچىلەرنى كۆپەيتىۋېتىپتۇ.
كانادادىكى گالگارىي تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئىنتېرنېت ساقچىلىرىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىۋاتقان بولۇپ، پەقەت ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئاران 400000 ئاھالىسى بار كائىلۇ ناھىيىسىدىلا 12000 نەپەر ئىنتېرنېت ساقچىسى بار ئىكەن. كائىلۇ ناھىيىسىنىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 56 ياشلىق ياردەمچى مەسئۇلى ليۇ شىڭچېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئىدارىسىدە ھازىر 12093 نەپەر خىزمەتچى خادىم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، پۇقرالارنىڭ تور يۈزىدە ئېلان قىلغان ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى تۈزۈلمىسىدىن نارازىلىقى ئىپادىلەنگەن سەزگۈر مەزمۇندىكى ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ توپلاش ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە ئوخشاش ۋەقە كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلىرىدا ئىنتېرنېت ساقچىلىرى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا پۈتۈن خىتايدىكى ئىنتېرنېت ساقچىلىرى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 39 مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.