تالىبان باياناتچىسى بۇ ھەقتە، ئەگەر قازاقىستان ئافغانىستانغا ئەسكەر يوللىسا، بۇ ئافغانىستان بىلەن قازاقىستان ۋە ئافغانىستان بىلەن رايون ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئۇزۇن مەزگىلگىچە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قازاقىستاننىڭ مەزكۇر قارارىنى قازاق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تەنتەكلىكى دەپ ئەيىبلىگەن تالىبان، قازاقىستان بۇ مەسىلىسىدە ئۆز خەلقىنىڭ رايى ۋە رايوننىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشنىڭ ئورنىغا ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
تالىبان باياناتچىسى قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىدا ئافغانىستاندىكى جىھادنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بايان قىلىپ، قازاقىستاننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى ۋە «قازاقىستان ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئافغان خەلقىنىڭ قولىدىن ئالغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك» دەپ ئەسكەرتتى.
قازاقىستان رايوندىكى، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئافغانىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىش قارارى ئالغان تۇنجى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. تالىبان قازاقىستاننى ئاگاھلاندۇرغاندا، قازاقىستاننىڭ قارارىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە قايسى خىل شەكىلدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېنىق بايان قىلمىغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ۋە ناتو قىسىملىرى ئافغانىستاندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىدا تالىبان ۋەكىللىرىمۇ ئورۇن ئېلىشى مۇمكىن؛ شۇڭا ئافغانىستاندىكى يېڭى ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتتا ۋەزىپە ئالغان تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاننىڭ قازاقىستان سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى ئېھتىمالى بولغان ئاقىۋەتلەردىن بىرىدۇر.