بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «26 - ئىيۇن تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش كۈنى قارارى» 1986 - يىلى 26 - ئىيۇن كۈنى ماقۇللانغان بولۇپ، ئەينى چاغدا قارارنى ماقۇللاپ ئىمزا قويغان 150 دۆلەت ئىچىدە خىتايمۇ بار ئىدى. ئەمما، بۇ يىللاردا خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئېلان قىلىپ كەلگەن دوكلاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا مەھبۇسلارنى قىيناپ سوراق قىلىش ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلاشقان. بولۇپمۇ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلار سانى بارغانچە كۆپەيگەن بولۇپ، خىتايدا سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەر خىل قىيناش ئۇسۇللىرى ۋە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش قىلمىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىيتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلى سىياسىي مەھبۇسلار ئەڭ كۆپ رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش ھەم دوكلاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي مەھبۇسلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش، ھەتتا سوراق جەريانىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋىتىش ئەھۋاللىرى خىتاي بۇيىچە ئەڭ ئېغىر ئىكەن.