چەتئەللەرگە ئىنگلىزچە تارقىتىلىدىغان «خىتاي گېزىتى» مۇ بۈگۈنكى سانىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، سىچۈەندە دىنىي ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان تىبەتلەرنى «تەربىيىلەنگەن تىبەت بۆلگۈنچىلىرى»، «قوراللىق باندىتلار» دەپ ئاتىدى. ئۇلارنى دۆلەتكە قارشى تۇردى، خىتاينىڭ 24 نەپەر قوراللىق ساقچىسىنى يارىلاندۇردى دەپ ئەيىبلىدى. بۇ، خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم قوراللىق قىسىملىرى يولۇققان ئوڭۇشسىزلىقنى ئاشكارىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتى سىچۈەندە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارنى تىنچ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش، بۇ نامايىشتا خىتاي ھۆكۈمىتى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق تىبەتلەرنى قوراللىق باستۇردى، دەپ جاكارلىغان ئىدى. ھازىر سىچۈەندە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈپ-ئېنىقلىماقچى بولغان ژۇرنالىستلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونغا كىرگۈزمەيۋاتىدۇ.