ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن ھەم خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جەنجۇن خوتەن ۋە قەشقەردىكى ۋەقەلەرنى «ئىسلام تېررورچىلىرى پەيدا قىلدى» دېگەن ئىدى.
ئىلھام توختى بۇ سۆزلەرنى قەتئىي پوزىتسىيىدە رەت قىلىپ، ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبىنى ئادالەتسىز سىياسەت ۋە ئۇنىڭغا قارىتا نارازىلىق دەپ كۆرسەتتى.
ئىلھام توختى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى مەجبۇرىي ھالدا تېررورلۇق بىلەن باغلاپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا يەنە بىر قېتىم باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىدى.
ئۇ بۇ نۇقتىدا مۇنداق دېدى. «تېررورچىلىقنىڭ شىنجاڭدا بازىرى يوق. رادىكال ئىسلاممۇ ھېچقاچان ئۇيغۇرلاردىكى ئاساسى ئېقىم بولالمايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن دېيىلگەن باھانە.»
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، ئانا دىيارىغا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن بارغان. ئۇنىڭ تۇغقان يوقلاش زىيارىتى، بېيجىڭدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا داۋام قىلغان.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەن ۋە قەشقەردىكى ھەر ئىككى ۋەقە ئىلھام توختىنىڭ دەل شۇ جايلارنى زىيارەت قىلغان كۈنىگە توغرا كەلگەن.