CBS تېلېۋىزىيىسىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئۇمار ئابدۇلمۇتاللاب قولغا چۈشكەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ئىستىھبارات ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئىگىلىگەن.
ئابدۇلمۇتاللاب قولغا چۈشكەندىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئۇنىڭ يەمەندىكى ئەل قائىدە تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ۋە بۇندىن كېيىن، ئافغانىستان، سومالى ۋە يەمەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 دۆلەتتىن ئامېرىكىغا قاراپ ئۇچىدىغان ھەرقانداق يولۇچىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرى گاناغا بېرىپ، ئۇمار ئابدۇلمۇتاللابقا ئالاقىدار ئىشلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىۋەتكەن.
ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى، ئۇمار ئابدۇلمۇتاللابنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن 9 - دېكابىر گانانىڭ ئاددىس ئابادا شەھىرىگە بارغانلىقى ۋە شۇ جەرياندا ئەل قائىدە ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئابدۇلمۇتاللاب، 2009 - يىلى 25 - دېكابىر گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدىن ئامېرىكىنىڭ دېترويت شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان 325 - نورمىلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇپ تۇتۇلۇپ قالغان ئىدى. بۇ 2001 - يىلى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيانقى ئامېرىكا سىياسىي ۋە ئاخبارات ساھەسىدە ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان تېررورلۇققا ئائىت ۋەقەگە ئايلاندى.