پروفېسسور ئازاد سۇلتان، ھەرقانداق بىر دىن بىلەن تېررورلۇقنى بىر-بىرىگە باغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى پروفېسسور ئازاد سۇلتان، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىگەن.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ لېكسىيە، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا دىئالوگ تېمىسىدا بولۇپ، بۇ لېكسىيىنى بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلاردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى ئاڭلىغان.

پروفېسسور ئازاد سۇلتان، لېكسىيىسىدە مەدەنىيەتلەر ئارا توقۇنۇشنى دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىك بارلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئۇ ھەرقانداق بىر دىننى تېررورىزم بىلەن باغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى، يەنى ھەرقانداق بىر دىن بىلەن تېررورلۇق ئوتتۇرىسىدا سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بار دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدا دېيىلگىنى پروفېسسور ئازاد سۇلتاننىڭ تۈنۈگۈنكى لېكسىيىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ، بۇ، لېكسىيىنى تىڭشىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى.