ئاقسۇدا تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقانلىقىدىن گۇمان قىلىنغان 3 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى

ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدە ھۆكۈمەتكە قارشى تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقانلىقىدىن گۇمان قىلىنغان 3 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ، مەزكۇر ناھىيىدىكى 358 كىشىنىڭ 24 سائەت نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ياشاش شارائىتىنى قوغداشقا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» بېرىش نامىدا يولغا قويۇۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى چىقىشقا چاقىرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، تەشۋىقات ۋارىقى بايقالغاندىن كېيىن، ناھىيىلىك دۆلەت ئامانلىقنى قوغداش ئەترىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن 3 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر ناھىيىدە كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى نامايىش يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەپ، مەزكۇر ناھىيىدىكى كۆزىتىلىدىغان نۇقتىلىق كىشىلەر، تالىپلار، تۈرمە ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىپ قويۇپ بېرىلگەنلەر بولۇپ 358 كىشىنى 24 سائەت نازارەت ئاستىغا ئالغان ۋە سىياسىي ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەمىنلىگەن، لېكىن يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن توغرىلىقى ئىسپاتلانمىغان مەزكۇر ۋەقەدە، تۇتقۇن قىلىنغان 3 ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان ئەللەردە ئىنقىلاب پارتلاپ، خەلق ئىستىبداتلىققا قارشى قوزغالغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، گۇمانلىق دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن.