خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 10 تەسىرلىك شەخسنى باھالاش پائالىيىتىگە ئاۋاز بېرىپ، ئۇيغۇر ساخاۋەتچى ئالىم ئۈچۈن بىلەت تاشلىغان. خەۋەرلەردە جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ئىلھاملاندۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما، ئالىمنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا پۇل ئىئانە قىلىش ئىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ ئانچە ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېتەلمىگەن. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ توربېتىدىكى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا، ئۇيغۇر ئېلىدە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار، خىتايدىكىدىن نەچچە ھەسسە قىيىن شارائىتلاردا ئوقۇۋاتقان، ھەتتا ئوقۇيالمايۋاتقان ئەھۋالدا، ئالىمنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا 100 مىڭ يۈەن پۇل ئىئانە قىلىشى ھاماقەتلىك دەپ تەنقىدلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 27-دېكابىر كۈنى ئالىمنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىپ مەخسۇس خەۋەر ئىشلىگەن. بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئۇيغۇر ياشلىرىنى سىياسىي جەھەتتىن بىخۇدلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى ھەم "ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئۆگىنىش ئۈلگىلىرى خىتاينىڭ شەرەپ تاختىلىرىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تۈرمىلىرىدە" دەپ كۆرسەتتى.