تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ بۈگۈن مۇخبىرلارغا بايان قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ نۆۋەتتە M60 ۋە M48 تىپلىق 1200 دانە تانكىسى بار بولۇپ، تەيۋەن يەنە ئامېرىكىدىن M1 Abram تىپلىق زامانىۋى تانكىلارنى سېتىۋالسا، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىش خەۋپىگە تاقابىل تۇرالايدۇ. باياناتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەننىڭ بۇ تىپتىكى تانكىدىن 200 دانىگە ئېھتىياجى بار.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ھەربىي قوراللىرىنىڭ بىر قىسمى ئىراق ۋە ئافغانىستان ئارمىيىسىگە قالدۇرۇلىدۇ، بىر قىسمى بولسا، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە سېتىپ بېرىلىدۇ. ئىلگىرى ئامېرىكا، كورىيە ۋە ۋيېتنام ئۇرۇشىدىن ئاشقان بىر قىسىم ھەربىي قوراللىرىنى تەيۋەنگە سېتىپ بەرگەن. گەرچە ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى 1979-يىلى ئۈزۈلگەن ۋە ئامېرىكا بۇنىڭ ئورنىغا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراق جەھەتتىكى ياردىمى يەنى قورال سېتىپ بېرىشى يەنىلا داۋاملاشماقتا.