تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ يەنە:" بىز ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىق ف - 16 تىپلىق كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرىنى سېتىۋالماقچى. ئەمما ئامېرىكا تەرەپتىن بىزنىڭ بۇ تەلىپىمىزگە قارىتا تېخى رەسمىي بىر جاۋاب كەلمىدى" دېگەن ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى خىتاينىڭ قارشىلىقى دەپ كۆرسەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەندە ھازىر ف - 16 تىپلىق كۈرەشچى ئايرۇپىلانلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ف - 16 كۈرەشچى ئايرۇپىلانىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە بولغىنىنى سېتىۋېلىشنى ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ھەربىي قوراللارغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىكەن.
تەيۋەن پرېزىدېنتى مايىڭجۇ ئۆتكەن ھەپتە بايانات بەرگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەيۋەنگە قارىتىپ تىكلەپ قويغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئېلىۋېتىشكە چاقىرغان، ئەكسىچە بولغاندا خىتاي بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
ما يىڭجۇ سۆزىدە يەنە، تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنى قوغداش ئۇچۇن ئامېرىكىدىن يەنە كۆپلەپ قورال سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.