تەيۋەنگە رېئاكتىپ ئايروپىلان سېتىپ بېرىش قارارىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ئامېرىكا-خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۇچراشىتى

تەيۋەنگە رېئاكتىپ ئايروپىلان سېتىپ بېرىش قارارىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ئامېرىكا-خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا ئۇچرىشىشلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.07.30

ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلغار تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلان F-16 قاتارلىق 6 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ھەربىي قوراللارنى تەيۋەنگە سېتىپ بېرىشكە قوشۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزگەن.

نەتىجىدە بۇ قوراللارنى تەيۋەنگە سېتىپ بېرىش ئىشلىرى بىر قەدەر كەينىگە سۈرۈلگەن.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسىنىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىردە مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ۋە قارار ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ۋاڭيى جۈمە كۈنى ئامېرىكىغا كەلگەن ۋە ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلا مىنىستىرى ۋىليام بۇرنس بىلەن بۇ تېمىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

سۆھبەت يېپىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، سۆھبەتكە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىمۇ قىسقىغىنا ئىشتىراك قىلغان. ھالبۇكى، دائىرىلەر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتنى ئاشكارىلىمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى كۈچلۈك قوللايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆتكەن ھەپتە بۇ ھەقتە بىلەت تاشلىغان.

1979-يىلى تۈزۈلگەن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن قانۇنىغا ئاساسەن ئامېرىكا تەيۋەننى قوغداش مەجبۇرىيىتىگە ئىگە. شۇ سەۋەبتىن تەيۋەنلىكلەر ئامېرىكىنىڭ قورال سېتىپ بېرىدىغانلىقىغا زور ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان بولۇپ، 9-ئايدا تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاۋ خۇاچۇ ئامېرىكىغا كېلىدىكەن ۋە قورال سېتىپ بېرىش ئىشلىرىنى قايتا تەلەپ قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.