جۈمە كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پ ج كروۋلېي، تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇنىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكىغا باراشىدا سان فرانسىسكو شەھىرىدە، قايتىشىدا لوس ئانگېلۇس شەھىرىدە بىر قېتىم توختاپ ئۆتىدىكەن.
ئەمما باياناتتا، ما يىڭجيۇنىڭ قايسى كۈنى ئامېرىكىغا تۇپرىقىدا توختاپ ئۆتىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.
باياناتچى يەنە، ھايتى جۇمھۇرىيىتىدە قۇتقۇزۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدىغان تەيۋەن يۈك ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكىدا توختاپ ماي قاچىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن قىلىدىغان ھەر قانداق مۇئامىلىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە ئىدى.