چارشەنبە كۈنى تەيۋەندە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى تەيۋەننىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سەي مىڭشۈەن يېقىندا نەشر قىلغان ئۆز تەزكىرىسىدە ئاشكارىلىغان.
مىڭشۈەننىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن ھەربىي دائىرىلىرى مەزكۇر ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى 2008-يىلى مەخپىي سىناق قىلغان. سىناق قىلىش مەشغۇلاتىنى سابىق پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن كۆزدىن كەچۈرگەن.
كىتابتا مەزكۇر بومبىلارنىڭ قانچە كىلومېتىر دائىرىدە زەربە بېرەلەيدىغانلىقى تەپسىلىي كۆرسىتىلمىگەن. ھالبۇكى، تەيۋەندىن چىقىدىغان «بىرلەشمە خەۋەر گېزىتى» بۇ بومبىلارنىڭ ئىككى مىڭ كىلومېتىر دائىرىدە زەربە بېرەلەيدىغانلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ بېيجىڭ، چېڭدۇ ۋە شېنياڭ قاتارلىق مۇھىم شەھەرلىرىگە ئۇچۇپ بارالايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
2008-يىلى سابىق تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن تەيۋەن مۇستەقىللىقى تەشەببۇسىنى كۈچەيتكەندە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلەشكەن ئىدى.